دېققەت قىلىپ كۆرۈڭ
بۇ سۇپا ( ئەقىلىق شەھەر ئۇچۇر ئېلان قىلىش سۇپىسى ) ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى قوللىنىلىدۇ ، ئەگەر تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا ، باشقۇرغۇچى ئۇچۇرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئابۇنىچىدىن ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئابۇنىچى تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھەم ئۆزگەرتمىگەندە بارلىق جاۋابكارلىقنى قانداق ئۈستىگە ئالىدۇ ھەم قىسقىچە ماتېريالى مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ، ئېلان قىلغان ئۇچۇر باشقۇرغۇچى خادىملار تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ ھەمدە ئۇچۇر ئېلان قىلغۇچىلارغا گەپ قىلىش ، زىيارەت قىلىشنى مەنئى قىلىش ، i d نى ئۆچۈرۈۋېتىش قاتارلىقلار مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . بەلگىلىمىگە خىلاپ ۋە تەكرارلانغان مەزمۇنلارغا نىسبەتەن ، سۇپا باشقۇرغۇچى بىۋاسىتە دالدىلاش ئارقىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلىش ھەققىنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە ھوقۇقلۇق .
1. قانۇن - نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان تۈرلەر :
1. قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ باشقا ھەر قانداق ئۇچۇر ؛ بارلىق سىياسىي تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلار ؛ ئىجتىمائىي سەزگۈرلۈك دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان مەزمۇندىكى مەزمۇنلارنى يوللاش ۋە چاپلاش بىردەك چەكلىنىدۇ
2. مىللىي ئۆچمەنلىك ، مىللىي كەمسىتىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلانى يوللاش چەكلىنىدۇ
3. ئالدامچىلىق قىلىش ، تەھدىت سېلىش ، قورقۇتۇش خاراكتىرىدىكى ، ئىتتىپاقسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەزمۇنلار نى يوللاش چەكلىنىدۇ
4. خۇراپىي ،سېرىق،بىدئەت ، ﺗﯧﺮﻭﺭﻟۇق ۋە جەمئيەت ئامانلىقا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنى يوللاش چەكلىنىدۇ
5. باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلىقىلىدىغان ، ئىختىلاپ پەيدا قىلىدىغان مەزمۇنلارنى يوللاش چەكلىنىدۇ
2 . سۈرەتتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلەر :
ئادەم بەدىنى سۈرەتلىرى ۋە ئادەم بەدىنى بەدىئىي سۈرەتلىرى ئاشكارىلانغان ؛ باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغان سۈرەتلەر ؛ زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ، قانلىق سۈرەتلەر ؛ ئادەمنىڭ كۆرۈش سېزىمى بىزار قىلىدىغان رەسىم .
3 . ساختا ئۇچۇر :
سىز ئېلان قىلغان ئۇچۇرنىڭ چىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ ، ساختا ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ ، بۇنداق ئۇچۇرلاردىن كېلىپ چىققان زىيانغا قارىتا سۇپىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ، سىز چوقۇم سىز ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا مەسئۇل بولۇشىڭىز كېرەك ، بولمىسا ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز ئىگە بولىسىز ؛ سۇپىمىز ئابۇنىچىلار پاش قىلغاندىن كېيىن ئۇچۇر ۋە ئابۇنىچىلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ .
4 . تەكرار ئۇچۇر :
ئوخشاش مەزمۇن ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇچۇرلار كۆپ قېتىم ئېلان قىلىنىپ ، ئېكرانغا زومىگەرلىك قىلىش ، ئېكران ئىگىلەش قاتارلىقلار سۇپا ئابونتلىرىنىڭ كۆز يۈگۈرتۈش ياكى ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قىلمىش .
مۇستەسنا جاۋابكارلىق باياناتى
1 . سۇپا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش ھەق ئېلىش ئۈچۈن ، سۇپا ئابونتلارنى مۇناسىپ كۆرگەزمە بىلەن تەمىنلەيدۇ ، ئۇچۇر كېڭەيتىش ۋە ئالاھىدە ئورۇن كۆرسىتىش قاتارلىق باھالاردا چىقىم بەت باھاسى ئۆلچەم قىلىنىدۇ . سۇپا ئېلان قىلغان بارلىق ئۇچۇر ( ھەقلىق ، ھەقسىز ) سۇپىمىز پەقەت ئېلان قىلىش ، كۆرگەزمە قىلىشقىلا مەسئۇل بولىدۇ .
2 . سۇپىدىكى بارلىق ئۇچۇر ، ماتېرىياللاردا سۇپا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ توغرىلىقى ، مۇكەممەللىكى ، ئۈنۈملۈكلىكى ، ۋاقىتچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار ، لېكىن پۈتۈنلەي توغرا بولۇشى ناتايىن . ئەھۋالغا ئاساسەن ئۆزىڭىز ھۆكۈم قىلىڭ . خۇپىيانە شەخسىي خەت - چەكلىرى ياكى باشقا تور ، تېلېفون قاتارلىق ئالاقىلىشىش قوراللىرى ئارقىلىق ، ھەرىكەت ئىئانە توپلاش قىلمىشى ، ئابونچىلارنىڭ ئۆزلىرى ھۆكۈم چىقىرىشىڭلارنى سورايمىز ، ئەگەر خاتا ھۆكۈم قىلغانلىق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيان جاۋابكارلىقىنى ئۆزىڭىز ئۈتىڭىزگە ئالىسىز . سۇپىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ .
3 . سۇپا ئەگەر سىستېمىنى ئاسراش ياكى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سەۋەبىدىن مۇلازىمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا توغرا كەلسە ، ئالدىن ئېلان قىلىنىدۇ . ئەگەر لىنىيە ۋە سۇپىمىز كونتروللۇقىدا بولمىغان قاتتىق دېتال كاشىلىسى ياكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇلازىمەت ۋاقتىنچە توختىتىلىپ ، مۇلازىمەت ۋاقتىنچە توختىتىلغان مەزگىلدە كېلىپ چىققان بارلىق قولايسىزلىق ۋە زىيانلارغا قارتا سۇپىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ .
4 . ئەزالار ئۆزىنىڭ سۆز - ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇپ ، ئېلان قىلىنغانن مەزمۇننىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئۈستىگە ئالىدۇ ، ھەم بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز . سۇپا ئىشلەتكۈچىلەر ھەرقانداق قىلمىش تۈپەيلىدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى ياكى ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلسا ، بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ ، سۇپا ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن سۇپىمىزنىڭ ياكى سىستېما ماتېرىياللىرىنى بىۋاسىتە ، ۋاسىتىلىك ئىشلەتكەنلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇ سۇپا ئىشلىتىش كېلىشىمىگە قوشۇلدى دەپ قارىلىدۇ .
بېكەت كېلىشىمگە چېتىلمىغان مەسىلىلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرى ئاساس قىلىنىدۇ ، بېكەت كېلىشىم دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاندا ، دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرى ئۆلچەم قىلىنىدۇ .
دىققەت : تىزىملىتىشتىن بۇرۇن يۇقارقى مەزمۇنلانى كۆرۈپ چىقىڭ ۋە ئەمەل قىلىڭ . ئەگەر تىزىملاتسىڭىزلا يۇقارقى كىلىشىمنامىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭىزنى قوشۇلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر يۇقارقى كىلىشمنامىگە ئەمەل قىلالمىسىڭىز تىزىملىتىشقا بولمايدۇ